ئادەملەر

ئادەملەر

ئۇزخۇي

دەردىم سۆڭەككە يەتتى،
ھەسىرتىم پەلەككە...!
ئېھ ئادەملەر-
مېنى ئوسال قىلغان سىلەر،
رەنجىتكەن سىلەر ،
قىين ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قىينىغان سىلەر،
لېكىن شۇنداقتىمۇ
ياخشى كۆرىمەن سىلەرنى.
كۆرگەنمۇ سىلەر-
ئىت قانداق يالايدۇ
ئۇرغان قوللارنى؟
ئەما قانداق ماڭىدۇ
ئىگىز-پەس يوللارنى؟
ئاشق قانداق ئەسلەيدۇ
تاشلاپ كەتكەن بىۋاپا يارنى…!؟
ئېھ ئادەملەر-
مەيلى ئوسال قىلساڭلار
مەيلى رەنجتسەڭلار
قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قىينىساڭلارمۇ
مەيلى نىمە قىلساڭلار مېنى،
ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن
ياخشى كۆرىمەن سىلەرنى .
2016-يىل13-ئاۋغۇست:نەنجىڭ

باھا ئەجىرگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات ...!

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: