ئادەملەر ئىنگىلىسچە

ئادەملەر

ئادەملەر ئۇزخۇي دەردىم سۆڭەككە يەتتى، ھەسىرتىم پەلەككە...! ئېھ ئادەملەر- مېنى ئوسال قىلغان سىلەر، رەنجىتكەن سىلەر ، قىين ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قىينىغان سىلەر، لېكىن شۇنداقتىمۇ ياخشى كۆرىمەن سىلەرنى. كۆرگەنمۇ سىلەر- ئىت قانداق يالايدۇ ئۇرغان قوللارنى؟ ئەما قانداق ماڭىدۇ ئىگىز-پەس يوللارنى؟ ئاشق قانداق ئەسلەيدۇ تاشلاپ كەتكەن بىۋاپا يارنى…!؟ ئېھ ئادەملەر- مەيلى ئوسال قىلساڭلار مەيلى رەنجتسەڭلار قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قىينىساڭلارمۇ مەيلى نىمە قىلساڭلار مېنى، ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن ياخشى كۆرىمەن سىلەرنى . 2016-يىل13-ئاۋغۇست:نەنجىڭ
تولۇق ئوقۇش
كەچۈر گۈلۈم ئىنگىلىسچە

كەچۈر گۈلۈم

كەچۈر گۈلۈم ئۇزخۇي ساڭا تىلەپ بارچە بەختنى ساڭا بېرىپ بارخۇشاللىقنى، مەن كېتىمەن- تاشتىن قاتتىق كۈنلەرئۈچۈن. ئەمدى ھېچنىمە قايتىلانمايدۇ قايتىلانمايدۇ ھايات قايتىلانمايدۇ ئۆلۈم قايتىلانماس كېتىشلىرىمدەك كېشتىن بۇرۇن دەيدىغىنىم كەچۈر گۈلۈم كەچۈر گۈلۈم. 2016-يىل8-مارىت:جېنجاڭ ئادەملەر
تولۇق ئوقۇش
ئېلانلىرىمىز سەرخىل
سۆيگۈچۈشى ئىنگىلىسچە

سۆيگۈچۈشى

سۆيگۈچۈشى ئۇزخۇي ئۇخلاپ قالىسەن ئاستا-ئاستا ياكى بەك تەستە. كەل- كېچە -ۋاقتنىڭ قوينىدىن چىقىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ باغرىم تامان. بەك گۈزەل چۈش بۇ تەڭ كۆرەيلى بۇ چۈشنى. ئىككى يىل بۇرۇن ئىككى كىشلىك چۈش بېلىتىنى ئىككى قۇتا ئۇيقۇ دورىسىنى تەڭ بۇيرۇتقانمىز . 2016-يىل15- ئاۋغۇست:نەنجىڭ
تولۇق ئوقۇش
ياخشى چۈش كۆرۈڭ ئىنگىلىسچە

ياخشى چۈش كۆرۈڭ

ياخشى چۈش كۆرۈڭ ئۇزخۇي ئۇزۇن بولدى ئۇيقۇڭىز چالا، بىردەم بولسىمۇ ئۇخلىۋېلىڭ. بېشىڭىزنى سىيلاپ مېھىرلىك، دەيمەن جېنىم ياخشى چۈش كۆرۈڭ. بەلكىم بۈگۈن چارچاپ قالدىڭىز بىردەم ئارام ئېلىڭ بىردەم بولسىمۇ ئارام ئېلىڭ يۈركىم بولسۇن ياستۇقىڭىز ماڭا يۆلىنىپ ئۇخلىسىڭىز بەخت بولماس بۇنىڭدىن ئارتۇق چېچىڭىزنى سىيلاشتىن… ھىدىڭىزنى ھىدلاشتىن…
تولۇق ئوقۇش
ئىشەنگىن ئىنگىلىسچە

ئىشەنگىن

ئىشەنگىن ئۇزخۇي «تاشلارمۇ پورەكلەيدۇ» ئىشەنگىن- پورەكلىگەندە قەلبىڭدە ھىجران. چايكىلارغا چۆمۈلۈپ دېڭىز پالاق ئۇرار قولۋاقلارغا ئۇ كەلمەسكەكەتتى دىگىنىڭدە كەتكىنىڭ ئۇنتۇلۇپ يىراقلارغا تەتۈرچۆرگىلەپ پەلەكنىڭ چاقى ئۇنتۇلدۇرار ساڭا ھەممىنى سېغىنمايمەن دىگىنىڭ ئۈچۈن ئىشەنگىن- سېغىندۇرار يەنىلامېنى . 2016-يىل16- ئاۋغۇست:نەنجىڭ بولسۇن !
تولۇق ئوقۇش